تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى خىتاي دېموكراتچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى


2006.04.12

1989‏- يىلىدىكى 4‏-ئىيون تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى داڭلىق دېموكراتچىلارنىڭ بىرى بولغان لۇ دېچېڭ سەيشەنبە كۈنى تايلاندتىن كاناداغا يېتىپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى خىتايدىكى دېموكراتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئاتايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لۇ دېچېڭ ۋانكوۋېرغا چۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ بىر مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە قايتا كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ، " ئەركىنلىك ھاۋاسىنى نەپەسلەنگىنىمىدىن تولىمۇ خۇشالمەن" دېدى.

46 ياشلىق لۇ دېچېڭ خۇ نەنلىك بولۇپ، ئۇ 89‏- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئىككى نەپەر سەبدىشى بىلەن تيەنئەنمېندىكى ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتىگە سىيا قۇتىسى ئاتقانلىقى بىلەن قولغان ئېلىنغان ھەمدە 16 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ 1998‏- يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا تايلاندقا قېچىپ چىققان. لېكىن تايلاند دائىرىلىرى ئۇنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن دەپ قولغا ئالغان.

بۇنىڭدىن خەۋەرلەنگەن كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى باڭكوكقا خادىم ئەۋەتىپ، لۇ دېچىڭنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇش ئىشلىرىنى بېجىرگەن. لۇ دېچېڭنىڭ يەنە بىر سەبدىشى يۈ دوڭيۈﯤ تېخى بۇ يىل 2‏-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغاچقا نېرۋىسى بىنورماللىشىپ، ئەقلىي تەپەككۈرى 4-5 ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.