رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا


2006.11.26

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمىگە قول قويماقچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي تۈركمەنىستان بىلەنمۇ چوڭ كۆلەمدە تەبىئىي گازلىق ئېچىشقا كېلىشكەن.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ تۈركمەنىستان گازلىرىغا ئېرىشىشى رۇسىيە ئېنېرگىيە ساھەسىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قازاقىستان خىتاي بىلەن نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ھەر يىلى 12 مىليون توننا نېفىت ماڭدۇرۇشنى باشلىغان. خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى لايىھىسى موسكۋا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، خىتاي قازاقىستان بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قازاقىستان نېفىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈردى.

قازاقىستان، تۇركمەنىستان قاتارلىق ئېنېرگىيە دۆلەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.