خىتاي دۇنيا ئېنېرگىيىسىگە تەھدىت سالماقتا
2007.03.09
نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينى دۇنيا ئېنېرگىيىسىگە تەھدىت سالماقتا دەپ ئەيىبلىگەن. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزىنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيىسىگە تەھدىت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە،خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى ھىندىستان ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكا ۋە ئافرىقىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە بولۇشتا خىتاي بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى باشلىغان دەقىقىلەردە ئوتتۇرىغا چىققان.
پەيشەنبە كۈنى،خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ما كەي "خىتاينى دۇنيا ئېنېرگىيە ئامانلىقىغا تەھدىت سالىدۇ دېسە، بەك ناھەقلىق بولىدۇ" دېدى. پەيشەنبە كۈنى ما كەي خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ زور كۆلەملىك نېفىت ئامبارلىرى قۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مانىڭ بىلدۈرۈشىچە،خىتاي نېفىت ئىستېمالىنىڭ 90 پىرسەنتى دۆلەت ئىچىدىكى مەنبەلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، خىتاي يەنە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا نۇرغۇن مىقداردا كۆمۈر، پولات ۋە ئاليومىن قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىدىكەن.
ۋاھالەنكى، ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2007 - يىلى 28 - فېۋرالدىكى خەۋرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خام نېفىت ئىمپورت نىسبىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 19.6 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، بۇ مەلۇمات خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومېتىتىنىڭ باشلىقى ما كەينىڭ باياناتىغا زىت ئىكەن. (جۈمە)