خىتاي ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە


2006.06.01

خىتاي ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 22 دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي- ئەرەب ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2010 ‏- يىلىغا قەدەر ، ئىككى تەرەپ ھەر يىللىق سودا خىراجىتىنى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزىدىكەن.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى تەرەپ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشتىن سىرت، يىغىن ۋەكىللىرى كېلىدىغان 3 يىل ئىچىدە يەنە نېفىت مەسىلىلىرى بويىچە بىرىنچى قېتىملىق يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلغان.

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلغان نېفىت زاپىسى ، ئۇنىڭ ئومۇمى نېفىت زاپىسىنىڭ 40 % ىنى ئىگىلەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا خاماس رەھبەرلىك قىلىۋاتقان پەلەستىن ھۆكۈمىتى باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى خىتايغا بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەرەب ئىىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۈر ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئېنېرگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ، دىيىشمەكتە.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.