17 ‏- قۇرۇلتاي مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئەرزدارلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا


2007.10.18

خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيى بۈگۈن 4 ‏- كۈنىگە قەدەم قويدى، بۇ ئارىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزدارلارغا قاراتقان باستۇرۇش، قولغا ئېلىش، ئاختۇرۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

جىلىنلىك ئايال ئەرزدار دۇ مىڭرۇڭ ئىككى كۈندىن بېرى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئىستانسىمىز مۇخبىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىنىقلىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، دۇ مىڭرۇڭ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغانلىقتىن ، بۇ يىل ئۇنىڭغا ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ھۆكۈم قىلىنغان . ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ سىرتتا داۋالىنىش تەلىپىگە رۇخسەت بەرگەن . بىراق 17 ‏- قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا ئۇ يەنە قولغا ئېلىنغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا ئۇ قايتا تۈرمىگە تاشلانغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىككى يىللىق تۈرمە جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، جېجياڭ دائىرىلىرى بېيجىڭ ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، لى ئىسىملىك بىر ئەرزدارنىڭ ئۆيىنى رەسمىيەتسىز ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇ ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىگە باستۇرۇپ كېلىپ ئۇنىڭ كومپيۇتېر ۋە خەت ئۇرۇش ماشىنكىسىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى ئەرزدارلارنى باستۇرۇش ۋەقەلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينى ئولىمپىك مۇراسىمىغا ساھىپ بولۇش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.