خىتاي ئەرزدارلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى


2008.03.01

خىتايدىكى ئەرزدارلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرىغا ئوچۇق يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، تەكىتلىگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىغا ئەۋەتىلگەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇچۇق خەتنىڭ يېزىلىشىغا ياردەم قىلغان ۋاڭ گۇېلان ئىسىملىك بىر خىتاي پائالىيەتچىسى، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئوچۇق خەتتە، " بىز گە ئوخشاش، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، دەردىگە داۋا تاپالمىغان ئەرزدارلار، پۇقرالىرىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالمىغان بىر دۆلەتنى، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش مەدەنىي سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەن دۆلەت دەپ قارايمىز" دېيىلگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىغا ئەۋەتىلگەن ئوچۇق خەتكە، 12700 دىن ئارتۇق كىشى قول قويغان. ئوچۇق خەتكە قول قويغانلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان سۈز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى يىغىلىش ئەركىنلىكى، سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ۋە نامايىش تەشكىللەش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەركىنلىكلەرنى قوغداشقا چاقىرغان. ئۇلار شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى سوتقا تارتماي تۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىش جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش سالاھىيىتىنى، بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.