ياۋرۇپا كومېتىتى، بېيجىڭنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدى


2005.07.17

ياۋرۇپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزو، بېيجىڭنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بىلەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. باروزونىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن نۇقتىلار خىتاينىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باروزو خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ: “ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرى ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا يەكۈنلىگەن نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئەگەر خىتايدا چوڭقۇر بىر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، ھەر قانچە كۈچەيگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتمۇ ، ئاخىرى جەمىيەتتە يۈز بەرگەن تۈرلۈك داۋالغۇشلار تۈپەيلىدىن توختاپ قالىدۇ” دەپ كۆرسەتكەن.

باروزو نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ، بېيجىڭنىڭ تەيبېي بىلەن بىۋاستە دىئالوگ قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن باروزو يەنە، خۇ جىنتاۋغا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.