ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىردى


2006.06.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، خىتاينىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تەن جازاسى بىلەن قىيناش شۇنىڭدەك ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۈس قىلدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۈر تەشەببۈسى دەل 21 ‏- نۆۋەتلىك خىتاي بىلەن ياۋرۇپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ،خىتايدىن مەتبۇئات ۋە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كونتروللىقىنى بىكار قىلىشىنى، تۈرمىگە تاشلىغان مۇخبىرلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋۇ خەيلوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىنى سىنئالغۇ لىنتىسىغا ئېلىش ۋە ئۆلۈم جازاسىنى قانداق ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىغان.

ئۆتكەن ئاي، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلغاندا سوراق ئۆيىگە سىنئالغۇ قويۇش، ئۆلۈم جازاسىنى ئۇكۇل بىلەن ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايدىن يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.