خىتاي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى، داي جېچىڭ، خىتايدا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنى بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.
داي جېچىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە، خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 107،218 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئۆزىدىلا 807،3 كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.
خىتاي مەتبۇئاتى 7- نويابىر كۈنى، 2007-يىلىنىڭ يانۋار ۋە سېنتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %40 ئازايغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئەيدىز مۇتەخەسسىسى داي جېچىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقنىڭ ئەيدىزنىڭ ۋىرۇسى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولمىغانلىقى، ئەيدىزغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىلمىغانلىقى، يېزا-قىشلاقلاردىكى ساغلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىنىڭ كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇلمىغانلىقى ۋە ئاققۇنلارنىڭ كونترولسىز رايوندىن- رايونغا كۆچىشى، خىتايدا ئەيدىز ۋېروسىنىڭ تېز تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. (ئۆمەر قانات)