خىتاي پەلەستىننىڭ ھامماس تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى پەلەستىندىكى ھامماس تەشكىلاتىدىن كېلىپ چىققان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخمۇد زاخارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىنىڭ نېفىتتىن ھالقىغان ھالدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدىلا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مىنىستىرلار ۋە كارخانىچىلاردىن بولۇپ 23 نەپەر ئەرەبنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ بولغان.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخمۇد زاخار ھامماس تەشكىلاتىنىڭ قاتمال رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھامماس تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ماخمۇد زاخار ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ ئۇنى تەكلىپ قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر نۆۋەت سۈركىلىش پەيدا قىلدى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىدىن نېفىت مەنبەسىنى تالىشىش كۆرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)