خىتاي دائىرىلىرى ھاۋا قاتناش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ تۈنۈكە قۇتىدىكى بېنزىن بىلەن ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە باغلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھاۋا قاتناش بىخەتەرلىك دائىرىلىرى يولۇچىلارنىڭ ئايرۇپىلانغا سۇيۇقلۇق ئېلىپ چىقىشنى چەكلىدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىدە يولۇچىلارنىڭ قولسومكىسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، پۇل تۆلىگەنلەرنى ئايرۇپىلانغا تېز چىقىرىش مۇلازىمىتىنى چەكلەش ۋە ئايرۇدۇرۇمغا كىرگەن ماشىنىلارنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - مارت كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن "ئايروپىلان ۋەقەسى"دە ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ " ئالدام خالتىسى" غا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچى قىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتىن داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

چەتئەلدە چىقىدىغان گېزىت - ژورناللارنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرى بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تىندىنسىيىسىدە زور پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى بايانلىرىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ قىزنىڭ ئىسمى، يۇرتى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە رەسىمىنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغانلىقىغا ئەجەبلەنمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى ئەندىشىسى بولسا "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرلىگەن ھالدا باستۇرۇش باھانىسى قىلىۋېلىش ئېھتىمالىدۇر."

لېكىن خوڭكوڭ ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەتبۇئات، تور بەتلىرىدە بۇ ۋەقە ھەم ئۇيغۇر يولۇچى قىز توغرىسىدا ھەر تۈرلۈك قىياس ۋە مىش- مىش گەپلەر ئېقىپ يۈرمەكتە. ھەتتا خوڭكوڭدىكى "يۇلتۇزلۇق ئارال" غا ئوخشاش گېزىتلەرنىڭ تور بېتىدە بۇ قىزنىڭ يۇرتى، ئىسمى، رەسىمى، كەسپىي، كىملىكى توغرىسىدا توختالماي، "تېررورچىلار"نىڭ يولۇچى قىزنى 6 يېشىدىن باشلاپ چەتئەلدە تەربىيىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)