خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قاراتقان قورال- ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا ئۈندەپ كۆرىدىكەن.
گەرچە خىتاي ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئەمما 1989- يىلى خىتاي ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىيە نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا قورال-ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مەزكۇر ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ئۈندەپ كەلمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىلغار ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇغىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئىمبارگونى بىرخىل سىياسىي كەمسىتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1989- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا قورال-ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەندىن بۇيان، مەزكۇر مەسىلە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنى پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى جوسې سوكراتېسنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، خىتاي مۇشۇ يىغىن جەريانىدا قورال- ياراق ئىمبارگوسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (جۈمە)