خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان "ھەقىقەت ئىزلەش" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، خىتاينىڭ ھازىر نۇرغۇن مۇقىمسىزلىق ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە، " ھازىر خىتايدا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ ھەمدە بۇ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىغانكى، باشقىلارنىڭ تىنچلىق بېرىشىگە تايىنىپلا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ. پەقەت كۈچلۈك ئارمىيە بىلەن پۇختا دۆلەت مۇداپىئەسىلا ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك چارىسى بولالايدۇ" دەپ يېزىلغان.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان "ھەقىقەت ئىزلەش" ژورنىلى دائىم يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە نەزەرىيىچىلەرنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. گەرچە بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كونكرېت كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ' دۈشمەن غەرب كۈچلىرى كۈچلۈك خىتاي دۆلىتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ" دەپ يېزىلغان.
خىتاينىڭ 2 مىليون 300 مىڭ كىشىلىك ئازاتلىق ئارمىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەمدىكى ئارمىيە ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 2006- يىلىدىكى ھەربىي خىراجىتىنى 15% ئۆستۈرۈپ، 35 يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە بۇ رەقەم ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجىتىدىن ئازراق بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ ھەققىي ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۇلار ئېلان قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)