ۋاشىنگىتوننىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بىئارام قىلماقتا

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ "ۋاشىنگتون تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى، خۇددى قوشنىڭزنىڭ ئىشىك ئالدىڭىزغا كېلىپ: ‘ئۆيىڭىزدە نىمە بار، كۆرۈپ باقاي؟’ دەپ سوراپ تۇرىۋالغىنغا ئوخشايدۇ" دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قېلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ھەربى سېلىنمىسى كۆپەيتىلگەن. بۇ ئەھۋال، ۋاشىنگىتون تەرەپنى تىنچ ئوكياندىكى ھەربى كۇچ جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشىگە سالغان ئىدى.

چىن گاڭ مۇنداق دەيدۇ، بېيجىڭ ئۆز ھەربى كۈچىنى تىنچلىقىنى ئاساستا تەرەققى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، لېكىن باشقىلار بۇ خىل پوزىتسىيىسىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىماقتا. خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاينىڭ ھەربى تەرەققىياتى، پەقەت تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، باشقا رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنني ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە، چىن گاڭدىن، خىتاينىڭ ھەربى ھازىرلىقلار كېڭەيمىچلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بېيجىڭ تەرەپنىڭ بەزى قىلمىشلىرى خىتاينىڭ ھەربى ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىك پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن دېگەن سۆزلىرىگە مۇخالىپ كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. (جۈمە)