ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىنىڭ نادۇلا تاغ ئېغىزىدا 1962 - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشىدا تاقىۋىتىلگەن چېگرا بازىرى پەيشەنبە كۈنى قايتىدىن ئېچىلدى. بۇ خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاسىيا دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەبرىك سادالىرى ئىچىدە لىنتا كەسكەندىن كېيىن، چېگرا بازىرى رەسمى ئېچىلغان . خىتاي تەرەپتىكى چېگرا بازىرى تېبەتنىڭ يادوڭ ناھىيىسىگە قاراشلىق رىنچىڭ پورتىدا. ھىندىستان تەرەپنىڭ چېگرا بازىرى بولسا سېككىمنىڭ ھىراتان دېگەن يېرىدە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چېگرا سودىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا خەلقى، دېڭىز يۈزۈدىن 4500 مېتىر ئىگىزلىكتىكى نادۇلا تاغ ئېغىزىدىن بۇلۇت كېچىپ ئۆتۈپ، يېڭى ئېچىلغان چېگرا بازارلىرىغا ئوخشىمىغان يۈنىلىشتىن سېپى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىغان. (ۋەلى)