خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتىكى بلوگ تور پونكىتلىرىنى مەجبۇرىي تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ۋاز كەچتى

خىتاي ھۆكۈمىتى 'ئىنتېرنېت نىزامى'نى ئېلان قىلىپ، ئىنتېرنېتتىكى بلوك تور پونكىتلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىپ تورغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى.

بۇ نىزام خىتايدا ئىنتېرنېت ئەھلىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. گەرچە 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' ئىنتېرنېتتىكى بلوك تور پونكىتلىرىنى 'تىل-ئاھانەت،سېرىق -شەھۋانىيلىق، قارىلاش، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش قاتارلىقلارغا يول قويدى' دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئىنتېرنېتتىكى تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقى ئالدىدا، مەجبۇرىي تىزىمغا ئالدۇرۇش نىزامىنى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.

ھازىر يەر شارىدا، ئامېرىكىدىن قالسا خىتاي ئىككىنچى چوڭ ئىنتېرنېت بازىرى، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەھلى 140 مىليونغا يېتىدۇ. 2006 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىدا بلوك تور پونكىتى ئاچقان ئادەم سانى 20 مىليوندىن ئاشقان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور ئەھلىنى تىزىملىتىپ تورغا كىرىشكە مەجبۇرلاشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەمما سەھنىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كونترول قىلىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا.(ۋەلى)