تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە


2006.04.07

يېقىندا خىتايدىكى 10 دىن ئارتۇق تور بەتنىڭ مەسئۇللىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا بىرلىكتە ئوچۇق خەت يېزىپ،مەزكۇر قۇرۇلتايدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 9 ‏- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان « ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان . ئۇلارنىڭ بۇ تەشەببۇسى دۇنيا بويىچە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، ھەمدە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

چېگىرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىن ئۇچۇر

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللانغان بۇ ئوچۇق خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن « دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تور بېتى» ، « ئىشچىلار تور بېتى» ۋە « كوممۇنىستلار تور بېتى » قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ قايتا ئېچىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تور بەت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 ‏- ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكى يەنى " پۇقرالار نۇتۇق سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، تەشكىللىنىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە" دېگەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنىت ئۇچۇر مۇلازىمىتى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

بىز ئەڭ دەسلەپتىلا يەنى2005 ‏- يىلى 9 ‏- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن « ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلۇشى بىلەنلا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ، مەزكۇر بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىگە ياقمايدىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئېتىۋېتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە سىياسىي خاراكتېرلىك ماقالىلارنى ئېلان قىلىشى تېخىمۇ تەسكە توختىدى . ئەگەر ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەيدىغان بىرەر ماقالە ئېلان قىلىنىپ قالسىلا، ئاپتور گەپ يوق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى " .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان « ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ دائىرىسى سىياسىي، ئىقتىسادىي ، ھەربى ۋە تاشقىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاممىۋىي ئىشلار ھەققىدىكى مەلۇمات ، مۇنازىرە ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، " ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق گەپ ‏- سۆزنىڭ مەزمۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە توغرا پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرىدىغان گەپ ‏- سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك " دېگەندەك 11 خىل شەرت بېكىتىلگەن .

بەلگىلىمىنىڭ تەسىرى

بېيجىڭدىكى خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شياۋبو ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىۋاتقان مەزگىلىدە، ياخۇ ۋە گۇگۇل قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ تېخنىك جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەسلىدە مەملىكەت ئىچىدە « ئەركىن جۇڭگو مۇلازىمەت مەيدانى » ناملىق تور بېتى بار ئىدى .مەزكۇر تور بەتكە « دېموكراتىك جۇڭگو » قاتارلىق تور بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن چاغلاردىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ كىرگىلى بولاتتى . لېكىن يېقىندىن بۇيان ، مەزكۇر تور بەتكە كىرىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا بولمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا « ئەسىرىمىزدىكى جۇڭگو » قاتارلىق سەزگۈر تور بەتلەر تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىشقا باشلىدى " . بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى ليۋ شياۋبو سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن « ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان خەلق ئارىسىدىكى تور بەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بىر قىسىم تور بەت مەسئۇللىرىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمە ھەققىدە قانۇنىي ئەرز سۇنۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى .

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى ئەپەندى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ يىللاردىن بۇيان قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ھەققىدە بېكىتكەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ، نىزامنامىلىرىغا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.