قار ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى تاقىلىپ قېلىۋاتقان مىنۇتلاردا خىتايدا گۆش، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكنىڭ باھاسىدا جىددىي ئۆرلەش كۆرۈلۈپ، خىتاي ئىقتىسادىغا قوشلاپ بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.
خىتايدا بۇ ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى بۇ قېتىم ياققان قار تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر پۈتۈن خىتاي ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ 7 پىرسەنتىنى تەمىنلەيدىغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى كۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان ھەمدە يەنە باشقا ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ 3 كۈنلۈك زاپاس كۆمۈرلىرى بار بولۇپ، ئەگەر بۇلار توختاپ قالسا خىتاينىڭ 10 پىرسەنت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2007 - يىلى 12 - ئايدا مال باھاسى يىل بېشىدىكىگە قارىغاندا 6.5 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، ھازىر خىتاي ئىقتىسادى جىددىي مەسىلىگە ئۇچراش خەتىرى ئاستىدا تۇرماقتا ئىكەن.
دوۋ جونېس خەۋەر تورىنىڭ سانائەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيسى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، خىتاي ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 200 مىڭ توننا، سېنك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 150 مىڭ توننىغىچە قىسقارتىدىكەن.
ھازىر خىتايدا بەزى توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر ۋە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ باھاسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توڭلىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما گۆش،كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ باھاسىنى بازار بەلگىلەيدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي داخې گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، قار يېغىشقا باشلىغاندىن كېيىن،جېڭجۇ شەھىرىدە ئاپېلىسىن باھاسى 30 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسا شىئەن شەھىرىدە بولسا، ئىسسىز كۆمۈرنىڭ باھاسى 75 پىرسەنت ئۆرلەپ توننىسى1500 يۈەنگە يەتكەن. (جۈمە)