ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا يېقىندا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۇستىدىن دېلو تۇرغۇزدى . خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە ، لى فېڭ ۋە گې يۇېفېي ئىسىملىك ئىككى خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مىكروچىپ دەپ ئاتىلىدىغان كومپۇتېر زاپچاس لايىھىسىنى ئوغرىلاپ خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا ساتقان . ئۇلار يەنە تـەيۋەننىڭ بىر كومپۇتېر شىركىتىنىڭمۇ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلىغان.
مەزكۇر قىلمىشلار نۆۋەتتە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ يىل 9 - ئۆكتەبىردە سوت ئېچىلىدۇ. جىنايەت گۇماندارلىرىدىن لى فېڭ 42 ياش ، گې يۈېفىڭ 34 ياش . ھەر ئىككىسى كومپۇتېر مۇتەخەسسىسى. ئۇلار قانۇن ئورۇنلىرىغا 30 مىڭ دوللار زاكالەت پۇل تۆلىگەن، بۇ پۇل ئۇلارنىڭ سوت كۈنى نەق مەيدانغا كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان .
ئەگەر يۇقىرىقى قىلمىشلار، سوت كۈنى پاكىتلىرى بىلەن تولۇق ئىسپاتلانسا، ئامېرىكا قانۇنلىرى بۇيىچە ، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئامېرىكىدا بۈگۈنگە قەدەر 3 كىشى مۇشۇ خىل جىنايەت سەۋەبلىك جازالانغان. مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل بىر قانۇن خادىمى ئامېرىكىنىڭ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆزلەر ، مەزكۇر دېلوغا سەل قارالمايدىغانلىقىدىن بىر ئىشارەتتۇر. (ئەقىدە)