ئامېرىكا- خىتاي ئىقتسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى، پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2007- دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتسادىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلاتقان جاسۇسلۇق پائالىيىتى، ئامېرىكا تېخنولوگىيىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن بازار ئىقتىسادىي پرىنسىپلىرىغا قارشى تەدبىرلەر ئېلىشقا باشلاپ، ئىقتىسادىي ساھەدە ھۆكۈمەت كونتروللۇقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كۆزىتىش كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر كومىتېت بولۇپ،مەزكۇر تەشكىلات 2007-يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن ئىلغار تېخنىكا ئوغرىلاش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خىتاينىڭ زەھەرلىك تاۋارلار ۋە زىيانلىق يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە 42 تۈرلۈك تەكلىپ بەرگەن. (ئەقىدە)