ئەنگىلىيە ئىچكى رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ رەئىسى جاناتون ئىۋانس، ئەنگىلىيە شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئەنگىلىيە مەتبۇئاتىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئىچكى رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ رەئىسى جاناتون ئىۋانس مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئەنگلىيىدىكى بانكا ۋە قانۇن شىركەتلىرىنىڭ 300 دىن ئارتۇق بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي دۆلەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئىچكى رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ رەئىسى خېتىدە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدۇنۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەر تونۇشتۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى شەنبە كۈنى بۇ خەۋەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
خىتاي كومپيۇتېر بۇزغۇنچىلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بېرى بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. گەرچە ھازىرغىچە غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق- ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى، ئەنگىلىيە پارلامېنتى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى قاتارلىق مەركەزلەرنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق ۋە ھۇجۇملاردا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قولى بار دېيىشمەكتە. (ئۆمەر قانات)