پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ جەسىدى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىندى
2006.02.17
پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۆتكەن كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ نەپەر خىتاي ئىنژېنىرىنىڭ جەسىدى، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىر ترانسپورت ئايرۇپىلانىدا جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. بۇ 3 نەپەر خىتاي ئىنژېنىرى ۋە ئۇلارنىڭ شوپۇرى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بالۇجىستاننىڭ خاب رايونىدا موتوسىكلىت مىنگەن قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن بالۇجىستاندىكى ئېتنىك مىللەتچى قوراللىق بىر تەشكىلات، ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋەقە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ 19 - فېۋرال كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايدىكى زىيارىتى باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكتىن تەرەپلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان. پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىزى، ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىرىنى چوقۇم تاپىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.
پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم قورال - ياراق خېرىدارى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشتىن تارتىپ، سودا ۋە يادرو پىلانلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلەر ئىدى. شۇڭا پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.
جۈمە كۈنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ ماڭغان پاكىستان ھەربىي ئايرۇپىلانىنى خىتاينىڭ ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايدۇرۇمدا مۇراسىم بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغان. خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ جەسىدى يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلدى. جەسەتلەر ئۈرۈمچىدىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ يۇرتى خېفېيغا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. (ئەركىن)