خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغىنى بىر نۇمۇس
2006.04.11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنىڭ ئېشىشى ۋە بۇنىڭغا بولغان ئىنكاس
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى853 مىليارد 700 مىليون يۇەنگە يىتىپ، دۇنيا بۇيىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ب ب س بۇ سانلىق مەلۇمات ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەردە، بىر دۆلەتنىڭ ناھايىتى كۆپ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى بولغىنىنىڭ بىرمۇنچە پايدىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان تەرىپىنى ، شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھازىر خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇلاھىزىچى جۇجەنگو ئەپەندى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا پۈتۈن دۆلەت پۇقرالىرى كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان، ئەۋلادلىرىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتالايدىغان بولمىغىچە ، ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغاننى سەككىز نومۇسنىڭ بىرى دەپ ھېسابلاش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
نىمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغانلىقى نۇمۇس دەپ قارىلىدۇ؟
'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'نىڭ 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان 'جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىنى سەككىز نۇمۇسنىڭ بىرى دەپ ھېسابلاش كېرەك' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە يارىتىلغان ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى گەرچە ياپونىيىنىڭ يېرىمىغا يەتمىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى 853 مىليارد 700 مىليون يۇەنگە يىتىپ دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ گەرچە كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ساختا زامانىۋىيلىشىش داۋامىدا كېلىپ چىققان ئىللەت، ئېكولوگىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بەدىلىگە كەلگەن يامان ئاقىۋەت بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خۇددى تارىختا ئۆتكەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭجېڭ يىللىرىدا پادىشا ئۆزىنىڭ خەزىنىسىگە كىرگەن كۈمۈش مىقدارى 13 يىلدا 50 مىليون سەرگە يەتكەنلىكى بىلەن ماختانغانغا ئوخشاش ئۆزىنى ماختىماقتا. تاشقى پېرېۋوت ئادەتتە ئىككى مەنبەدىن كېلىدۇ،-- دەپ تەھلىل قىلىنىدۇ بۇ ماقالىدە، --- بۇنىڭ بىرىنچى مەنبەسى قەرز خاراكتېرلىك مەبلەغ. بۇ چەتئەللەرنىڭ سالغان مەبلىغى، يەنى چەتئەللەر بۇ دۆلەتتە ئامانەت قويغان پۇل. بۇنداق پۇلنى چەتئەللەر خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ چىىقپ كېتەلەيدۇ. يەنە بىر مەنبەسى خەلقئارالىق سودىدا قىزىل رەقەم پەيدا قىلىش ئارقىلىق تاپقان پايدا ، يەنى 'جۇڭگودا ياسالدى' دەپ ماركا چاپلانغان ماللارغا ئالماشتۇرغان پۇل. بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋىتىنى، رىقابەت كۈچىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۇ خىل پۇل ئاران ئومۇمى تاشقى پېرېۋوت مىقدارىنىڭ 29% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ماختانغۇچىلىكى يوق.
تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېشىشى ۋە خەلىق تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى سېلىشتۇرما
دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت مىقدارى 1978 - يىلى 1 مىليارد 600 مىليون يۇەن . 1989 - يىلىغا كەلگەندە 8 مىليارد 900 مىليون يۇەنگە يەتكەن. ئەمما شۇ يىللاردا ئىشچىلار، ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈنلەي دۆلەت پۇلىغا داۋالىناتتى، دېھقانلارمۇ ھەمكارلىشىپ داۋالاش دېگەن مەبلەغدىن قىسمەن پايدىلىنالايتتى. شۇ يىللاردا شەھەر - يېزىلاردىكى دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئېغىر كەلمەيتتى. ئەمدى دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت مىقدارى 853 مىليارد 700 مىليون يۇەنگە يىتىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن 2006 - يىلىغا كەلگەندە، خىتايدا ئىشچىلار ۋە دېھقانلار كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىشقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
خەلىق تۇرمۇشى تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېشىشى بىلەن ياخشىلىنىپ كەتكىنى يوق
بىر دېھقاننىڭ ئاپتورغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1960 - يىلى خېنەن ئۆلكىىسنىڭ شىنياڭ ۋىلايىتىدە دېھقانلار كۈندە ئاچلىقتىن ئونمىڭلاپ ئۆلۈۋاتقاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتىنى چىڭ ساقلاپ ياتقان ئىدى. مەھەللە بويىچە ئۆلۈۋاتقان دېھقاننى ھۆكۈمەت كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقازمىغان. ئەمما شۇ يىللاردا قوسىقى ئاچ قالغان بىرمۇ ئەمەلدار يوق. بۇنداق چوڭ پاجىئەنى كوممۇنىستلارنىڭ 'پارتىيە مەنپەئەتى بىرىنچى' دېگەن پەلسەپىسى پەيدا قىلغان. 80 -يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جاۋزىياڭ، خۇياۋباڭلار ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسىنى ئازايتقان. شۇ يىللاردا ئىشچى، دېھقانلار ئۈچۈن داۋالىنىش، بالىلىرىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش قىيىن بولمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كوممۇنىست رەھبەرلىرى پۈتۈن خىتاي خەلقنىڭ كەلگۈسىدە ئىشلىتىدىغان تەبىئىي بايلىقلىرىنى مەبلەغ سېلىپ، خىتاينى 'پۈتۈن دۇنيانىڭ زاۋۇتى'غا ئايلاندۇرىدىغان سىياسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى، ئەمما دۆلەت پۇقرالىرى كېسەل بولسا داۋالىنالمايدىغان، ئەۋلادلىرىنى مەكتەپلەرگە بىرەلمەيدىغان يامان ئاقىۋەتكە قالدى.
يۇقارقى سانلىق مەلۇمات ۋە تەھلىللەر ئاساسىدا، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى خۇ جىنتاۋ باشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تاكى پۈتۈن دۆلەت پۇقرالىرى كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان، ئەۋلادلىرىنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتالايدىغان بولمىغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغاننى 'سەككىز نومۇس'نىڭ بىرى دەپ ھېسابلاش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، 15 يىللىق مۇھىت قوغداش پىلانىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي قىسقۇچ پاقىسى ئەنگلىيە دەريالىرىغا تەھدىت بولماقتا
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ
- خىتاي كېلەركى ئون يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارقىغا چىكىنىدىكەن
- غەزەپلەنگەن دېھقانلار مۇھىتقا زىيانلىق بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان