خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى


2007.08.22

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى ئىككى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ۋە 181 ئىشچىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋەقەسىنى، تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى، ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان . ئۇلار ھۆكۈمەتنى كان ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىر ئالمىغان دەپ، ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لىي شۈيجۇ، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا،" مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، كۆمۈر كاندىكى بۇ قېتىمقى كەلكۈن ۋەقەسىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەر كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. شۇڭا قانۇنلارغا ئاساسەن، ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يۇق" دېگەن.

خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىدا تەبىئىي ئاپەتلەردە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارغا تۆلەم تۆلەش سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، "لېكىن شۇنداقتىمۇ، ھۆكۈمەت ۋە كۆمۈر كان شىركەتلىرى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە مەلۇم بىر مىقداردا پۇل ياردەم قىلىشى مۇمكىن" دېدى.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ بۇ باياناتى، شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كانلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىز--دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كان ئىشچىلىرىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئىزاھاتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقەدە ‏ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.