ۋېن جياباۋ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىدى
2006.04.07
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېڭى زىللاندىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، جۇڭگو تاشقىي دۇنياغا ئېچىۋېتىلىش بىلەن بىرگە، دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، دېدى. ۋېن جياباۋ پەيشەنبە كۈنى يېڭى زىللاندىيە باش مىنىستىرى كلاك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلاپ، "جۇڭگو خەلقى خىزمەت تېپىش، كۆچۈش، چەتئەلگە ساياھەت قىلىش ۋە ئۇچۇر تاللاش مەسىلىسىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا زور ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولماقتا " دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 200 مىليون كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەمچى بولغان. لېكىن ئۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە بەزى يىتەرسىزلىكلەر بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ، جۇڭگودا دېموكراتىيە ۋە سىياسىي تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ۋېن جياباۋنىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى برەد ئادامس، ۋېن جياباۋنىڭ سۆزى " ئەركىنلىك خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئاتا قىلغان سوغىسى دېگەننى ئىما قىلغان " دېدى. "كىشىلەر تۇغۇلۇشتىنلا ئەركىن تۇغۈلغان. ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان تۈپ ھوقۇقى " دەپ تەكىتلىگەن برەد ئادامس، " جۇڭگودا بۇ ئەھۋال تامامەن تەتۈرىسىچە،" جۇڭگو كومپارتىيىسى پۈتۈن ھوقۇقنى كونترول قىلماقتا " دەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كرىزىس تەشكىلاتى: خىتاي ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى ناچارلاشتى
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يازغان خىتاي ئادۋۇكاتىنىڭ شىركىتىنىڭ پائالىيىتىنى توختاتتى
- ب د ت ئالى كومىسارى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى