خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى قورامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلىشنى توساش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىگە يېقىندا چىقىرىلغان ئوقتۇرۇشىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى،خىتاي مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتىدە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھەم شەھەرلىك مائارىپ نازارەتلىرى ھەمدە بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق بارلىق مائارىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا 2007 - يىللىق 7- نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تارقاتقان.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئوقتۇرۇشنى تارقىتىشىدىكى سەۋەب: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخى قورامىغا يەتمىگەن ئوقۇش يېشىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنى، " تەتىللىك جەمئىيەت تەكشۈرۈش، پراكتىكا، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش دېگەندەك ناملار بىلەن تۈرلۈك ئەمگەكلەرگە سېلىش ۋە شۇنداقلا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلىش بارغانچە ئەۋج ئېلىپ، قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ھەم روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزگەن شۇنداقلا جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇشۇ خىلدىكى ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇنداقلا قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق -مەنپەتـىنى دەخلىگە ئۇچرىتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ نورمال مائارىپ قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە "ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تېرىش ئەمگىكى"، " مەجبۇرىيەت ئەمگىكى"، " تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش " ئەمگەكلىرىگە سېلىش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئورۇنلاش داۋامىدا 18 ياشقا توشمىغان ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر قىزلارنىمۇ مەجبۇرىي خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەپ ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلماقتا.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقتۇرۇشى بۇيىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇش يېشىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەر قانداق باھانە بىلەن ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلىش قانۇنسىز ھەرىكەت ھېسابلىنىپ، جاۋابكارلىقى جىددىي سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.. بۇ خىل قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى قانۇنسىز ئىشلىتىش قىلمىشلىرى بايقالسا قانۇن، ئەمگەك، مائارىپ، سودا ‏- سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە زەربە بېرىدىكەن. (گۈلچېھرە)