خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىدى
2006.04.07
بېيجىڭدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ بۇنى رەسمىي يولغا قويماقچى بولغان. مەزكۇر بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگودا تارقىتىلىدىغان كۆپ قىسىم چەتئەل گېزىت - ژورناللىرىغا بۇنىڭدىن كېيىن تراژىنى كۆپەيتىش رۇخسەتنامىسى بېرىلمەيدۇ، ئەمما بۇ چەكلىمە ئىلمىي ژورناللارنى ئىچىگە ئالمايدىكەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن "نەشرىيات ھەمكارلىقىنى" كۆپەيتىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ چەكلىمىنىڭ قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ بەلگىلىمىنى جۇڭگو بازىرىغا كىرىش پېيىدا يۈرگەن خەلقئارا چوڭ مەتبۇئاتلارغا بېرىلگەن زەربە، دەپ قارىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن بېرى، مەملىكەت ئىچىدە بەزى نازۇك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پاش قىلىشقا جۈرئەت قىلغان گېزىت - ژورناللارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ باردى. يېقىندا " جۇڭگو ياشلار گېزىتى"نىڭ " نۇقتا" دىگەن نام بىلەن چىقىدىغان بىر ستونى مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۆمى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. لېكىن ب ب س نىڭ ئەسكەرتىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىنىڭ ، مەملىكەت ئىچىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بازار رىقابىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغانلىقى ياكى چەتئەلنىڭ تەسىرىنى توساش ئۈچۈن چىقىرىلغان سىياسى قارار ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە
- ۋېن جياباۋ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىدى
- خىتاي، چىرىكلىكنى پاش قىلغان بىر مۇخبىرنى قولغا ئالدى
- خىتاي، نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچتى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ مەتبۇئات كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى