ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بۇيىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مەزكۈر مەسىلە ئۈستىدە ئۆز - ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ۋەكىل ئەۋەتتى.
ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەسئۇل خادىم، بېيجىڭدا يىمەك - ئىچمەك، ھايۋاناتلار يەم - خەشەكلىرى ، دورا ھەمدە داۋالاش ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت مەسىلىلەردە خىتاي تەرەپ بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. ئامېرىكىنىڭ مەزكۈر ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، سۈپەت جەھەتتە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتمەي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچى زور دەرىجىدە چۈشكەن بولۇپ، خىتايدىكى بىر قىسىم مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى، بولۇپمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تىپىدىكى بېلىقچىلىق ساھەسىدە ئېكسپورت قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىنتايىن چوڭ توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
خىتايدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر كىشى مۇخبىرغا، ئۆزىنىڭ بۇ يىلنىڭ يېرىم پەسلىدە، 300 مىڭ يۈەن زىيان تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى خېرىدارلارنىڭ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم - كېچەكلەرنى سېتىۋېلىش نىسبىتى ئالاھىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. (ئەقىدە)