خىتايدا شەھەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاققۇن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، شەھەرلەردە قاتناشنىڭ قىستا-قىستاڭلىقى، تۇرالغۇ يېتىشمەسلىكى، تۇرمۇش بوشلۇقىنىڭ تارىيىشى، ئىش بېسىمى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، ھازىر جەمئىيەتتە ھەر خىل روھىي، پىسخىك كېسەللىكلەر كۆپەيمەكتە.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، تەرەققىيات مەسىلىسى بۇيىچە گۇاڭجۇدا ئېچىلغان بىر چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، بېيجىڭ شېخې مېدىتسىنا ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جەنشى ئەپەندى بۇخىل كېسەللىكنى 'خىتايچە زامانىۋىي كېسەللىك' دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا بۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولۇۋاتقان ئادەم سانى 16 مىليونغا يەتكەن.
ئامېرىكىدىكى تولىدو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى رەن بەيگۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىل كېسەللىك دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بار، لېكىن ھازىر خىتايدا بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل 'خىتايچە زامانىۋىي كېسەللىك' كە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاساسەن نامراتلار. بولۇپمۇ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە روھى قىسىنچى ئىچىدە قالغان بىر قىسىم زىيالىيلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىيلاردا بۇنداق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا جىددىي كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆمرى قىسقىراپ كېتىۋاتقان ھادىسە ئېغىر.
ئامېرىكىدىكى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باففولودىكى جەمئىيەتشۇناس پروفېسسورى جاڭ جېنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل 'خىتايچە زامانىۋىي كېسەللىك' - خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ناھايىتى ئاز تەبىئىي بايلىقتىن ئىنتايىن كۆپ ھوسۇل ئېلىشقا ئۇرۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت. (ۋەلى)