مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ ھازىرقى زامان ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە يېزىلغان 8 خىل ئەدەبىي كىتاب چەكلەنگەن ئىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقنىڭ ھېسياتىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كىتاب چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە 'دۆلەت، قانۇن " ھەققىدە ناھايىتى زور مۇنازىرە قوزغالغان ئىدى.
يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ ئورگىنى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى خىتاي ئۇچۇر -نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇڭ شىنمىننىڭ ۋەزىپىدىن يۆتكىۋىتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ليۇ بىنجېنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بەزى مۇلاھىزىچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىسىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ، دەپ تەھلىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئامالسىز ھالدا بۇنداق قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى، دەپ تەھلىل قىلماقتا. (ۋەلى)