خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۇەن 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بەش كۈنلۈك ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى.
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىسىتىرى چى خاۋتيەن 1998 - يىلى ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى جيۇنىشىرو كويزۇمى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا خىتاي تەرەپ غەزەپلىنىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان ئىدى. ساۋ گاڭچۇننىڭ ھازىرقى ياپونىيە زىيارىتى -- ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزوئابېنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ماساھىكو كومۇرانىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە تەرەپ ھازىر خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى مەخپى ھالدا ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقىغا قارىتا گۇمان بىلەن قارايدۇ. خىتاي بولسا، ياپونىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ساقلىنىش قالقان سېستىمىسى قۇرغانلىقىغا نارازى.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ماساھىكو كومۇرا ئەپەندى بۇ قېتىم ساۋ گاڭچۇەن خىتاي-ياپونىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۆز -ئارا گۇمانلىنىشتىن خالى بولۇش ئۈچۈن، خۇددى ئامېرىكا -ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەن 'ئىسسىق تېلېفون لېنىيىسى'گە ئوخشاش ئۇچۇق-يۇرۇق ئۇچۇر مۇناسىۋىتى ئورنۇتىشنى تەشەببۇس قىلغان. (ۋەلى)