بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى گۇمان پەيدا قىلدى
2007.11.19
19 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغان ئاۋسترالىيە كوماندىسىنىڭ تېببىي مەسلىھەتچىسى ۋە مەخسۇس دوختۇرى، خىتاينىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقلارنىڭ، بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سىرتقا ئاشكارىلاشنى خالىماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى ئالغاندىن كېيىن ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا قايتىدىن بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى 15- 20 پىرسەنتكىچە تۆۋەنلىگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئاۋسترالىيە كوماندىسىنىڭ مەخسۇس دوختۇرى كېن فىتچنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دوختۇر فىتچ خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرىغا گۇمانى قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "مەن بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىكىدەك ئىكەنلىكنى بايقىمىدىم".
دوختۇر كېن فىتچ يەنە، كېلەر ھەپتە غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەت موناكودا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ساغلاملىق باشقارمىسى ۋە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش كومىتېتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشتا، بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن خىتاي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جاكوس روجىمۇ يېقىندا، بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى مەسىلىسى تۈپەيلى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بەزى مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى ھاۋ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- خىتايدا مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئىنسانلار مۇددەتتىن بۇرۇن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتى تېررور تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- غەربىي جەنۇبى خىتايدا نەچچە مىڭ ئامما بۇلغىنىشقا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
- خىتايدىكى چوڭ دەريالاردا سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كەتتى
- ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سۆزى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەسىمى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى