خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلسىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن


2008.01.05

مۇھىت بۇلغىنىشىدا جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى، كېلەر ئاي مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى، جو شېڭشەن، 008‏2 - يىلى 6‏ - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش، سانائەت ۋە زىرائەتتە نىمىلەرنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ" دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويىدىغان سىياسىتىنى بەلگىلەشتە، ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.

خىتايدىكى پىلانسىز ئىقتسادىي تەرەققىيات، خىتايدا مۇھىتنىڭ قاتتىق بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى دەريالارنىڭ 70 پىرسەنتى پۈتۈنلەي بۇلغانغان بولۇپ، خىتاي شەھەرلىرى، دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ كۆپ بۇلغانغان شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ جىددىلىكىنى سەزگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، مۇھىت قوغداشنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھېلىمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇھىت قوغداشتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.