گۇاڭجۇدا 4 مىڭ كىشى ئىش تاشلاپ يوللارغا توساقلارنى قۇردى


2008.01.11

خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى تەيۋەنلىكلەر مەبلەغ سالغان گۇاڭدا ئاياغ - كىيىم كارخانىسىنىڭ 4000 دەك ئىشچىسى ئالدىنقى كۈنى ئىش تاشلاپ، يوللارغا توساقلارنى قۇردى. نامايىشچىلار زاۋۇت دائىرىلىرىدىن تۇتۇپ قېلىنغان مائاشىنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلاردىن بىر كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى كارخانا دائىرىلىرى ئىشچىلارغا زاۋۇتنىڭ دۇڭۋەن دېگەن جايغا كۆچىدىغانلىقىنى، ئىشچىلار خالىسا دۇڭۋەنگە كۆچۈپ بېرىپ ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بەزى ئىشچىلار دۇڭۋەنگە كۆچۈشنى خالىماي، زاۋۇت دائىرىلىرىدىن 2002 - يىلدىن بۇيان تۇتۇپ قېلىنغان قوشۇمچە ئىش ھەققىنىڭ تولۇقلاپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئالالمىغان.

خەۋەرلەردە بۇ ۋەقە ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، يۇقىرىقى نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئىشچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار 2002 - يىلدىن بېرى ھەر كۈنى كەچ سائەت 10:00دىن 12:00 گىچە قوشۇمچە ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قوشۇمچە ئىش ھەققى ھازىرغا قەدەر بېرىلمىگەن. ئىشچىلار نامايىش قىلغاندىن كېيىن كارخانا دائىرىلىرى ئىشچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، نامايىشچىلارنى قايتىپ كېتىشكە ئۈندىگەن ھەم ئىشچىلارنىڭ ۋەكىل چىقىرىپ زاۋۇت دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئىشچىلار زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ ۋەكىل چىقىرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.

نامايىشچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشچىلار زاۋۇت دائىرىلىرىغا كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت دائىرىلىرى ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالمىغان. خوڭكوڭدىكى " ۋېن خۇي" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاخىرى ۋەقەگە ھۆكۈمەت ئارىلاشقان بولۇپ، ساقچىلارنى ئىشقا سالغان ھەم ئىشچىلارنى يولدىكى توساقلارنى بىكار قىلىشقا، زاۋۇت دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.