ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغاندىن كۆپ تۆۋەن. بۇ يەكۈننى ئامېرىكىدىكى كارنىجى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالبېرت كېيدال 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى'دە بۈگۈن ئېلان قىلدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان نىسبەتتىن %40 تۆۋەن.
دۇنيا بانكىسىنىڭ 'كۈندىلىك تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغان كىشى نامرات' دەپ قارىلىدىغان ئۆلچىمى بۇيىچە ئېيتقاندا، خىتايدا ھازىر نامراتلار ئۆلچىمىدىن تۆۋەن سەۋىيىدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ سانى ھۆكۈمەت 300 مىليون دەپ ئېلان قىلغاندىن ئۈچ ھەسسە كۆپ.
بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدى بىلەن چەتئەللەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكتە. (ۋەلى)