جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
2007.06.23
مەركىزى خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى شېڭجو شەھىرىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە 20 كىشى يارىلانغان.
كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى ۋە خوڭكوڭدا چىقىدىغان بېيجىڭ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار چارشەنبە كۈنى ساقچىلارنىڭ ئويى بىر قۇرۇلۇش دائىرىسى ئىچىدە يەر ئالغان 90 ياشلىق ئايالنى ئويىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئويىدىن كوچۈشنى رەت قىلغان ياشانغان ئايال ئويىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ "ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالىمەن" دەپ تەھدىت قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئايال 2004- يىلدىن بېرى ئويىدىن كۆچمەسلىك ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن تىركىشىپ كەلگەن ئىكەن.
شېڭجو شەھىرىدە 2000 ئەتراپىدا كىشى ساقچىلارنىڭ ياشانغان ئايالىنى ئويىدىن كۆچۈرۈشىگە قارشى چىقىپ، ساقچىلارنى توسۇشقا تىرىشقان. نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا، ئاز دېگەندە 20 كىشى يارىلانغان بولۇپ، 6 نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، بىر نەچچە يىلدىن بېرى، يېڭى ئوي سېلىش، بارار سېلىش ياكى باشقا قۇرۇلۇش ياساش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلىشى، خىتايدا نۇرغۇنلىغان توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولماقتا. يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار ياكى ئۆيلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنغان كىشىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز پۇلغا يەر ۋە ئۆيلىرىنى سېتىۋالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىشماقتا. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ ئايالى ئايرودرومدا توسۇپ قېلىندى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا
- گۇاڭشىدىكى دېھقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى قوزغىلىڭى ساقچىلار تەرىپىدىن باستۇرۇلدى
- چوڭچىڭ شەھرىدە ئايال ئىشچىلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى
- خىتاي پېشقەدەم دېموكراتنىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويدى
- خۇنەندىكى ئامما ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى
- خىتاي پارتىيە مەكتىپى خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى ئادۋوكاتلارغا قويغان چەكلىمىسىنى يوق قىلىشقا ئۈندىدى