خىتاي "قانۇن تەشۋىقات كۈنى" ھارپىسىدا نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى


2007.12.03

خىتايدىكى "قانۇن تەشۋىقات كۈنى" ھارپىسىدا بېيجىڭدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان ئەرزىيەتچىلەر نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەمما مەزكۇر نامايىش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ، نامايىشچىلار، بېيجىڭغا خىتاينىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن 100 لەرچە ئەرزىيەتچىلەر بولۇپ، پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى سىنئالغۇغا ئېلىشقا باشلىغاندا ، ئۇلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىپ كەتكەن.

ئەرزىيەتچىلەردىن بىرى بولغان ۋاڭ گۇليەن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا نامايىش قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: "بىز چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، بىز يولۇققان ئادالەتسىزلىكنى ۋە تارتقان ئەلەملىرىمىزنى جەمئىيەتكە بىلدۈرىشىمىز كېرەك" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار، ساقچىلارنىڭ ئادەم ئۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ يەر ‏- زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يەر ‏- زېمىننى مۇسادىرە قىلىشى قاتارلىق ئادالەتسىز قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان پاكىتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ناچار ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ئەيىبلىگەن.

ۋاڭ فامىلىلىك نامايىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، چىرىك يەرلىك ئەمەلدارلار قانۇننى ئاۋام خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغان، كۆپچىلىكنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلارنى ئىگىلىۋالغان ۋە قانۇن بىلەن قوغدىنىشقا تىگىشلىك خەلقنى قانۇن ئارقىلىق ئەزگەن ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەت نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ يىل ئۆكتەبىردە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بىر پارتىيىلىك كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ ئوچۇق خەت يوللىغان كىشىلەردىن ئىكەن.

4- دېكابىر كۈنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا، "قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنى" تەبرىكلىنىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇنى "قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى دەپ سۈرەتلەپ كەلمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.