خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بېنزىن ئېكسپورتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى مۇمكىن
2007.08.31
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت، خەلقئارادا خام نېفىتنىڭ باھاسىدا داۋالغۇش پەيدا بولۇۋاتقان شارائىتتا ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى 9 - ئايلىق نېفىت تەمىنلەش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چەتئەلگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي بىخەتەرلىكى ژۇرنىلىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى: خىتاي نېفىت سانائىتى شىركىتى (中国石化 Sinopec ) بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېنزىن ئېكسپورت مىقدارىنى 100 مىڭ توننا ئەتراپىدا قىسقارتقان بولۇپ، ئېكسپورت مىقدارىنى يەنە داۋاملىق قىسقارتىشى ھەتتا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يىل ئىيۇندا خەلقئارا بازاردا ھەر بىر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 78 دوللارغا يەتكەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا بازاردا خام نېفىت باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى پىششىقلانغان نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە خىتاي نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان ، ھەتتا بەزى كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلار تاقىلىپ قالغان.
بۇ يىل ئىيۇندا، خىتاي نېفىت سانائىتى شىركىتى، پىششىق نېفىتنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلق ئاممىسى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە بولغاچقا، مەزكۇر شىركەتنىڭ باھا ئۆستۈرۈش پىلانىنى رەت قىلغان ئىدى.
بۇ ئاي بېشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي نېفىت سانائىتى شىركىتى ۋە بۇ شىركەت قارمىقىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتىنى( PetroChina 国石油 ) دۆلەت ئىچىدىكى پىششىق نېفىت تەمىنلەش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پىششىق نېفىت ئېكسپورتىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن نېفىت باھاسى سىياسىتىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ تىز ئۆرلەۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۇ دۆلەتنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئۇلغايتىۋەتكەن بولغاچقا، خىتاي خەلقئارا نېفىت بازىرىغا سەزگۈر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلمەكتە.
2006- يىلى خىتاينىڭ ئومۇمىي نېفىت ئىمپورتى 162.9 مىليون توننىغا يېتىپ 2005- يىلىدىكىدىن 19 .6 پىرسەنت ئاشقان ئىدى (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىلىرىنى يەنە كېڭەيتمەكچى
- خىتاي، نېفىت ۋە باشقا بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىسراپ قېلىنىشنى كونترول قېلىش ئۈچۈن نېفىتتىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىدىكەن
- خىتاي چەتئەلدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى
- دۇنيادىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى خىتاي نېفىت بازارلىرىغا كىردى
- سىچۇەندە گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان
- خىتاي -تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
- رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى