يېقىندا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن دۇنيادىكى 47 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ كۈنسىرى خۇنۇكلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
6- ئاينىڭ 27- كۈنى ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنستىرى مادليىن ئالبرايت تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلانغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى، ياۋرۇپا، ھىندىستان، ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، خىتايغا بولغان ئىشەنچى ئازايغان.
ئالبرايت خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيىدە ،فرانسىيىدە ، ھىندىستاندا شۇنداقلا ھىندونېزىيىلەردە خىتايغا قارىتا ياخشى كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ سانى 2005- يىلىغا قارىغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئون نەچچە پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ كەتكەن.
راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىمۇ تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا بايقالغان خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى مىڭ خىلغا يېتىدۇ
- سىنگاپور خىتايدا ئىشلەنگەن چىش پاستىلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىدى
- خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا
- ئامېرىكىغا خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان بۇغداي ئۇنى تىلىپىنى توسۇپ قېلىندى
- ئۇيغۇر ئېلى بازىرىدا ساختا ئۆلچەمسىز يېمەكلىكلەر كۆپەيمەكتە
- خىتاي 2007 - يىلىدا سودا جەھەتتە چوڭ رىقابەتكە ئۇچرايدۇ
- خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ناچار ئادەتلىرى، خىتاينىڭ ئابرويىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار يىمەكلىكلىرى بىخەتەر ئەمەس