خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى كۈنسېرى خۇنۇكلەشمەكتە

يېقىندا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن دۇنيادىكى 47 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ كۈنسىرى خۇنۇكلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

6‏- ئاينىڭ 27‏- كۈنى ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنستىرى مادليىن ئالبرايت تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاشكارىلانغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى، ياۋرۇپا، ھىندىستان، ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ، خىتايغا بولغان ئىشەنچى ئازايغان.

ئالبرايت خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيىدە ،فرانسىيىدە ، ھىندىستاندا شۇنداقلا ھىندونېزىيىلەردە خىتايغا قارىتا ياخشى كۆز قاراشتا بولغانلارنىڭ سانى 2005‏- يىلىغا قارىغاندا ئايرىم ‏- ئايرىم ھالدا ئون نەچچە پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ كەتكەن.

راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىمۇ تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)