خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر باشلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشنى بەلگىلىگەن
2007.05.27
2008-يىللىق بېيجىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىگەن.
خىتاي تىلىدىكى "بوشۇن" تورىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىسىز دەپ قارالغان بارلىق ئۇنسۇرلارنى تازىلاشنى، 11 تۈردىكى ئادەملەر ئىچىدىن 43 خىلدىكىسىنى ئولىمپىك پائالىيىتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى قارار قىلغان.
بۇ خىلدىكى ئادەملەر كاتېگورىيىسىگە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئاتالمىش "دۈشمەن كۈچلەر" يەنى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىدىئولوگىيە ساھەدىكى نۇقتىلىق ئادەملەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، فالۇنگۇڭچىلار، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەر، ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەر جۈملىدىن ئاتالمىش "شىنجاڭ ئۈچ خىل كۈچلىرى" شۇنىڭدەك دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ مەزكۇر كاتېگورىيىگە مەنسۇپ قىلىنغان.
" بوشۇن" تورىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشتا چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رابىيە قادىر، ئەركىن ئالىپتېكىن باشلىق توققۇز كىشىگە نىسبەتەن كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش ۋەدىلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بۇ مۇسابىققا بايقۇت ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېلەتلىرىنى سېتىشنى باشلىدى
- خىتاي يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى
- ئولىمپىكنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتايدا يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى
- "رابىيە قادىر دەۋرى" خىتايلارنى چۆچۈتتى