خىتاي بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋەدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بولغان " ئولتۇراق جاي ھوقوقى مەركىزى" ئىلگىرى دوكلات ئېلان قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا بېيجىڭدا ئولىمپىك قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش دائىرىسىدىن باشقا رايونلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەن ئاھالىنىڭ بىر مىليون 250 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

-5 ئىيۇن خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىپ ، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ھەمدە يۇقۇرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساسسىز دېدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جىياڭ يۈنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە " 2002 - يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت سارايلىرىنى قۇرۇش جەريانىدا بىرمۇ ئائىلىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، قۇرۇلۇش دائىرىسىدىكى جەمئىي 6037 ئائىلىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇلغان ئىكەن."

ئەمما ، ئولتۇراق جاي ھوقوقى مەركىزى بۇ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلەر توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھەر بىر ئۆي ‏- ماكانلىرىدىن ئايرىل كىشىلەرنى بىرمۇ ‏- بىر ئېنىقلاپ بېكىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۇ مەركەزنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا يەنە، بېيجىڭدا ئولىمپىك باھانىسىدىن باشقا باھانىلەر بىلەنمۇ خەلقنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كەلمەكتە " دەپ كۆرسىتىلگەن. (گۈلچېھرە)