ب د ت ۋە ئولىمپىك كومىتېتى: بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى تۈزەلمىسە، بەزى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن


2007.10.26

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، ئەگەر خىتاي كېلەر يىلغا قەدەر جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى ياخشىلىمىسا بۇ بەزى ئولىمپىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋاسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.

ب د ت نىڭ مۇھىت پروگراممىسىنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنى پاكىزلاش خىزمىتى ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ شەھەردە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئۆزلىرىدە جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خېين ۋېربرۇگېن، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ يېنىك ئاتلىتكا تۈرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭنىڭ "ھاۋا ساپلىقى ناھايىتى ئېغىر مەسىلە" دەيدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى روگې، ئىلگىرى ھاۋا بۇلغىنىش تۈپەيلى تالادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بەزى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت مۇھىت پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قەدەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىكى كۆرسەتكۈچكە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى تەشكىلى كومىتېتى، بەزى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ماشىنىلارغا چەكلىمە قويۇپ، بەزى زاۋۇتلارنى ۋاقتىنچە تاقىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھاۋانى پاكىزلاش رولى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.