خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2007.11.16

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، كېلەر يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا، ئىجتىمائىي ۋە ياكى سىياسىي تۈس ئالغان نامايىشلارغا قارشى قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئولىمپىك بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ليۇ شاۋۋۇ، ئامانلىق ساقلىغۇچى قىسىملارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئورۇندا ۋە ياكى شۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى نامايىشلارنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: " خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا يول قويۇشقا بولمايدۇ ۋە خىتاي قانۇنى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ."

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ليۇ ئولىمپىك يىغىنىدا يۈرگۈزۈلىدىغان يۇقىرىقى بىخەتەرلىك چارىلىرىنى ئاقلاپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئولىمپىك نىزامنامىسىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كېلەر يىلى 8- ئاۋغۇستتىن 24- ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا 28 مىڭ نەپەر چەتئەل مۇخبىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايدا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.