خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق باياناتى ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەكتە
2007.11.27
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنت ئەزاسى پال شىمىت دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك كومىتېتىنى، كېلەر يىل بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىش ئالدىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا باياننامە ئېلان قىلىشقا" چاقىردى.
65 ياشقا كىرگەن پال شىمىت، 1968 - ھەمدە 1972 - يىللىرىدىكى ئولىمپىكتا ئالتۇن مېدال ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1964 - يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بۇنىڭغا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەب بولغان.
" يەنە شۇنداق ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى " دەپ بىلدۈرگەن پال يەنە " نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىنىڭ ناچار ئىنسان ھەقلىرى كېلىماتلىرىنىڭ ئولىمپىكقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىلتىجالىرىغا، بولۇۋاتقان ئىشلارغا قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇۋالالمايمىز، ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا قارىتا شۇنداق بىر سىياسىي بايانات ئېلان قىلغاندەك، ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى يەنە قايتا قىلىشقا بولىدۇ، " دەيدۇ.
پال ئۆزى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قارشى بولۇپ، ئۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەنھەرىكەتچىلەرنى جازالاش دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ خىتايغا بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەت، ئەمما بۇ پۇرسەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا بېرىلىشى كېرەك، "دەيدۇ. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
- بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى گۇمان پەيدا قىلدى
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى
- مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەندى
- بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى ھاۋ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
- خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
- بېيجىڭدا يەنە بىر ئادۋوكات قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىدى
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتى تېررور تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە