خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2008.01.29
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى كوزۇر قىلىپ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە ھەر قانداق تەشكىلاتلارنىڭ بېسىملىرىغا قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆز سىياسىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان جۇڭگو گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، گېزىتتە ئولىمپىكنىڭ دۇناي خاراكتېرلىك مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ: " ئۇلار خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگەن يېرىگە كەلتۈرىمىز دەپ ئويلاپ قالدى، ئەمما ئۇلار چوتنى خاتا سوقتى،" دەپ يېزىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى جياڭ يۈ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ چوقۇم نەزەرگە ئېلىنىشىنى ۋە ئولىمپىكنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تۇرىدىغان پىكىرلەرگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكنىڭ خىتايغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئارزۇ قىلىپ خىتايغا بۇ جەھەتلەردە ھەر تەرەپلەردىن بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى يازدا ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى مىيا فەرروۋ خانىم، دارفۇردا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاپ ھەربىي جەھەتتە قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى "دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە نيۇيورك ۋاقت گېزىتىدە "خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" ناملىق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە خىتاي دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت سۇداننى دىپلوماتىيە جەھەتتە قوللاپ ئولىمپىككە داغ چۈشۈردى دېگەن ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بۇ ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئوبزور ئۈستىدە توردا ھەر تۈرلۈك ئىنكاسلار ئەۋج ئالغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ "
- خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى
- بېيجىڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى چەتئەللىك تەننتەربىيە ماھىرلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە
- خىتاينىڭ ئايال - بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش ئۈستىدە قازا قىلماقتا
- بېيجىڭ دائىرلىرى ئولىمپىك قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى