خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2008.01.29

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى كوزۇر قىلىپ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە ھەر قانداق تەشكىلاتلارنىڭ بېسىملىرىغا قەتئىي تىز پۈكمەي ئۆز سىياسىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان جۇڭگو گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، گېزىتتە ئولىمپىكنىڭ دۇناي خاراكتېرلىك مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ: " ئۇلار خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگەن يېرىگە كەلتۈرىمىز دەپ ئويلاپ قالدى، ئەمما ئۇلار چوتنى خاتا سوقتى،" دەپ يېزىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى جياڭ يۈ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ چوقۇم نەزەرگە ئېلىنىشىنى ۋە ئولىمپىكنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تۇرىدىغان پىكىرلەرگە قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكنىڭ خىتايغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئارزۇ قىلىپ خىتايغا بۇ جەھەتلەردە ھەر تەرەپلەردىن بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى يازدا ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى مىيا فەرروۋ خانىم، دارفۇردا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاپ ھەربىي جەھەتتە قورال‏ - ياراق بىلەن تەمىنلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى "دەپ ئاتىغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە نيۇيورك ۋاقت گېزىتىدە "خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" ناملىق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە خىتاي دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت سۇداننى دىپلوماتىيە جەھەتتە قوللاپ ئولىمپىككە داغ چۈشۈردى دېگەن ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بۇ ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئوبزور ئۈستىدە توردا ھەر تۈرلۈك ئىنكاسلار ئەۋج ئالغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.