خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2008.03.12

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا، مەيلى ئۇ يەرلىك بولسۇن ياكى چەتئەللىك بولسۇن، ھەر قانداق كىشىنىڭ ساقچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز نامايىش قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇ يەرلىك قانۇنغا چۇقۇم رىئايە قىلىش لازىملىقىنى جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بۇيىچە ئورتاق ئۆلچەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن بۇ يەرلىك قانۇننى ليۇ جىنمىڭ ئىسىملىك بىر ئەمەلدار ئېلان قىلغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئورگىنى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھازىر ئىنتېرنېتنى توسۇۋالغان دۆلەتلەرگە قارىتا تور نامايىشى ئېلان قىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېتنى توسۇۋالغان دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسى ئاسىيادا. بۇ رايوندا خەلقئارالىق تور بەتلىرىدىن 2600 ئى تاقىلىپ كەتتى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەركىن پىكىر بايان قىلغان 62 كىشى قولغا ئېلىندى. بۇنداق قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەتلەر غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى شىركەتلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىر شۆبىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تيەنئەنمېن مەيدانىدا، كىم ئېرسىن مەيدانىدا، ياڭگۇن، ھاۋانا، ئاشخاباد كوچىلىرىدا تەقلىتەن نامايىش قىلىش پائالىيىتىنى باشلىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.