خىتاينىڭ ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق سابىق خادىمى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى


2007.11.15

خىتاي ‏- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خەلقئارا دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق سابىق خادىمى ۋاڭ چىڭچەن، ياپونىيىگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، 51 ياشلىق ۋاڭ چىڭچەن، 2006 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ يىل يازدا خىتاي ھەربىي سوتى تەرىپىدىن مەخپىي يوسۇندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان.

ۋاڭ چىڭچەن ئىلگىرى خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان، 1980 ‏- يىلىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان.

ياپونىيە مەتبۇئاتى، خىتاي ۋە ياپونلۇقلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى يازدا ۋاڭ چىڭچەننىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىگە ئائىت مۇھىم ماتېرىياللارنى ياپونلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، مەزكۈر ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ۋاڭ چىڭچەننىڭ قول ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن زى يۇڭگۇاڭمۇ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.