خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋىتىشتىكى كۆۋرۈك دەپ باھانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تۇتاشتۇرۇلماقچى بولغان تاش يوللارنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن تۇتىشىدىغان قابا دەرياسىدىن - قاناس تاغ ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول، موڭغۇلىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چىڭگىل ناھىيىسىدىن - تاشقىن چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول، سەتاڭخۇدىن - تۆمۈر تامغىچە بولغان تاش يول، قازاقىستان بىلەن تۇتىشىدىغان بورتال ئاچىلىدىن ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول، قابا دەرياسىدىن ئاختۈبەك چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول، ئۇچتۇرپاندىن بەدەل - تاغ ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول ، قىرغىزىستان بىلەن قوشنا بولغان ئۇلۇغچاتتىن - تۇرغاي چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان تاش يول قاتارلىقلار ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ئېغىزى تاش يوللىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مەقسىدى، يالغۇز ئۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىنى ئاسانلاشتۇرۇشلا بولۇپ قالماستىن ، بەلكى موڭغۇلىيىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تاش يول قاتناش ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى نىقاپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشتە، ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاش يول قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش پروگراممىسىدا موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكى خىتاينىڭ يەنە بىر دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)